خۇاۋېي ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات
يېڭىلانغان ۋاقىت: 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
خۇاۋېي ئاڭلىق تۇرمۇشى بولسا خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) سىزنى ئاڭلىق ئۈسكۈنە تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسىپنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ئۈچۈن ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى تەمىنلەيمىز.
نەشر ئۆزگەرتىش چۈشەندۈرۈشى
كەسىپ تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخپىيەتلىك باياناتىنى يېڭىلىدۇق، مەخپىيەتلىك باياناتىدىكى ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ:
1. «ئاڭلىق ئۈسكۈنە بۇلۇت مۇلازىمىتى» بابىنى يېڭىلاپ، روتېرنى يىراقتىن باشقۇرۇش كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى تولۇقلىدۇق.
2. «ئاڭلىق ئۈسكۈنە بۇلۇت مۇلازىمىتى» بابىغا پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق باش كومپيۇتېرنىڭ WLAN تور سەپلەش ئىقتىدارىنىڭ چۈشەندۈرۈشى يېڭىدىن قوشۇلدى؛ ئاڭلىق قۇلۇپ ۋە سىمسىز كەڭ بەلباغلىق ئۈسكۈنىگە توك مىقدارى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلار تولۇقلاندى.
3. «ئۈسكۈنە ئىجازەتلىرى» بابى يېڭىلىنىپ، قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى ئىجازىتى ۋە بوشلۇق (مېدىيا ۋە ھۆججەت) ئىجازىتىنى ئىشلىتىش كۆرۈنۈشى تولۇقلاندى.
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
•خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىپ «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى مۇلازىمىتېرىنىڭ زىيارەت ئىجازىتىگە ئېرىشىمىز، ئەگەر خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرىنى تەمىنلىمىسىڭىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» تەمىنلىگەن بىر قىسىم مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەيسىز.
•شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ئارقىلىق ئاڭلىق ئۈسكۈنە، كۆرۈنۈش ۋە ئائىلە باشقۇرۇش ھەمدە تەكلىپ بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يۈرگۈزىمىز. تەپسىلاتى ئالاقىدار بۆلەكلەردە چۈشەندۈرۈلدى.
•سىزنى يەنە بازار، مۇنبەر ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانى بىلەن تەمىنلەيمىز، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
•بىز ئېكولوگىيە ھەمراھىمىز بىلەن بىرلىشىپ سىزنى ئۈسكۈنىلەرنى ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدۇق، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىزنى ئېكولوگىيە ھەمراھىمىزغا ئورتاقلىشىمىز.
•خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ئۇچۇرى، ئاڭلىق تۇرمۇش ئەپىدىكى ئۇچۇر ۋە باغلىغان ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرىنى ئىقتىدار ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز، تەپسىلاتى ئالاقىدار بۆلەكلەردە چۈشەندۈرۈلدى.
•بىز سىزنى ئاڭلىق خاسلاشتۇرما كۆرۈنۈش تەۋسىيەسى ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدۇق، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
•پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇكاپات بۇيۇمى ياكى سوۋغات قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندە، سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرىگە ئالاقە ئۇسۇلىڭىزنى تەمىنلىشىمىز كېرەك، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
سىز (https://privacy.consumer.huawei.com/legal/smarthome/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug-cn&branchid=3000&contenttag=di&version=20231030)مەخپىيەتلىك باياناتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى نى زىيارەت قىلىپ، «ئاڭلىق تۇرمۇش» توپلاپ ئىشلىتىدىغان شەخسىي ئۇچۇر، ئىشلىتىشتىكى مەقسەت، ئۇسۇل ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى قاتارلىقلارنى تېزلىكتە چۈشىنىۋالالايسىز. ھەرقايسى ئىقتىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشتىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
1.1 «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئارقىلىق سىزگە تۆۋەندىكى كەسىپ ئىقتىدار/مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەيمىز، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىقتىدار/مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىڭىزدا، توختام تۈزۈش/توختامدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىدار/مۇلازىمەت تەمىنلەشتە زۆرۈر بولغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار/مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ، ئاڭلىق تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار/مۇلازىمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك.
1.1.1 ھېساباتقا كىرىش
«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ، ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرغىنىڭىزدا، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز: خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ OpenID سى، ھېساباتنىڭ كىرىش مەخپىي نومۇرى، نام، باش سۈرەت. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت بولسا خۇاۋېي ھېسابى مۇلازىمىتېرىغا كىرىپ ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىنى دەلىللەپ، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىنىڭ مۇلازىمىتېرنى زىيارەت قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىمىز: كىرگۈزگەن خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى ۋە مەخپىي نومۇر دەلىللەش ئۇچۇرى خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىغا مەخپىيلەشتۈرۈپ ئەۋەتىلىپ دەلىللىنىدۇ، ئەپنىڭ ئۆزىدە ۋە مۇلازىمىتېردا كىرگۈزگەن ئۇچۇرىڭىز ساقلانمايدۇ.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، خۇاۋېي ھېسابىغا كىرمىسىڭىز، خۇاۋېي «ئاڭلىق تۇرمۇش» كەسپىنى ئىشلىتەلمەيسىز. خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگەندىن كىيىن، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ھېساباتنىڭ نامى ۋە باش سۈرىتىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەپ بېتىدە كۆرسىتىدۇ.
1.1.2 ئاڭلىق ئۈسكۈنە باشقۇرۇش ئاساسىي مۇلازىمىتى
ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى بايقاش ھەمدە WLAN تورىغا ئۇلاش ئۈچۈن، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى يانفون ئورۇن ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىپ، تور ئۇچۇرى (WLAN تىزىملىكى، WLAN نامى، WLAN ھالىتى)، WLAN مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقى مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىدىلا ئىشلىتىلىدۇ، مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ.
ئۈسكۈنىگە باغلاشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە «مەخپىي نومۇرنى ئەستە تۇتۇش» نى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، WLAN مەخپىي نومۇرى «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە مەخپىيلەشتۈرۈلۈپ يەرلىكتە ساقلىنىپ، كېلەر قېتىم ئۈسكۈنە باغلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، WLAN مەخپىي نومۇرىنى قايتا كىرگۈزۈش ھاجەتسىز. ئەگەر «مەخپىي نومۇرنى ئەستە تۇتۇش» نى تەڭشىمىسىڭىز، ئۈسكۈنە باغلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
ئەگەر WLAN نامى ۋە WLAN مەخپىي نومۇرىنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇيدىغان خۇاۋېي يانفون ياكى روتېر ئىشلەتسىڭىز، WLAN نامى ۋە WLAN مەخپىي نومۇرى ئۆزلۈكىدىن تولدۇرۇلۇپ، ئۈسكۈنە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئاڭلىق ئۈسكۈنە باغلاش، ئۈسكۈنە تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز: ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنە تىپى، ئۈسكۈنە نەشرى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN، WLAN نىڭ MAC ئادرېسى، كۆكچىشنىڭ MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، IP ئادرېسى، ئۈسكۈنە مەلۇماتى (سىستېمىنىڭ ھالەت ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۈسكۈنىنىڭ خاسلاشتۇرما سەپلىمىسى، سىستېما خاتىرىسى (كەسىپ ۋەقەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سەزگۈچ ئۇچۇرى (سۇغا چىلىنىش، ئىس-تۈتەك، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئادەم بار-يوقلۇق، رايونغا كىرىش-چىقىش)، ئۈسكۈنە ھالىتى ۋە مەشغۇلات خاتىرىسى. بۇ خىل ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى باغلاش، ئۈسكۈنىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ھەمدە ئۈسكۈنە خاسلىقى ۋە پارامېتىرىنى تەڭشەش، ئۈسكۈنە خىزمەت ھالىتى ۋە تارىخىي خاتىرىنى كۆرۈش، ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرۈش ھالىتىنى ئىستاتىستىكىلاش، تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش، ئاڭلىق ئۈسكۈنە سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش.
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ئىشلىتىمىز: يۇقىرىقى ئۇچۇرلار مۇلازىمىتېرغا مەخپىيلەشتۈرۈپ يوللىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ئىجازىتىڭىزگە ئاساسەن مۇلازىمىتېردىن ئۇچۇر تەكشۈرىدۇ ۋە ئۈسكۈنە بېتىدە كۆرسىتىدۇ.
مۇلازىمەت رايونىنى ئېنىقلاپ، سىزگە ماس ئەپ نەشرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن SIM كارتىنىڭ كۆچمە تور دۆلەت كودى (MCC) نى توپلايمىز.
مۇلازىمەت رايونىغا ھۆكۈم قىلىش، سىزگە كۆپ تىل مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن سىستېمىڭىزنىڭ تىل تەڭشەك ئۇچۇرىنى توپلايمىز.
بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆچمە تور دۆلەت كودى (MCC) ۋە تىل تەڭشىكى ئۇچۇرىنى ئۈسكۈنىنىڭ ئۆزىدىلا ئوقۇپ ئىشلىتىمىز، بۇ مەلۇماتنى بۇلۇتقا يۈكلىمەيمىز.
بۇ خىل ئۇچۇرنى تەمىنلىمىسىڭىز، خۇاۋېي «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىنىڭ بايقاش، باغلاش، تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلمەيسىز.
يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى توپلايدىغان ئۈسكۈنىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
روتېر ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل ئائىلە روتېرى، ھەمراھ Wi-Fi قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى يورۇتۇش چىرىغى، مەنزىرە چىرىغى، ئۈستەل چىرىغى، ئاڭلىق تاسما چىراغ، خۇشبۇي چىراغ، مۇزىكىلىق چىراغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تاقىما ئۈسكۈنىلەر تۈرلۈك ئاڭلىق سائەت، بىلەزۈك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېنېرگىيە تېجەش ئۈسكۈنىلىرى تۈرلۈك چېتىلغۇ، تاختا چاتقۇچ، ئاڭلىق ئۈزچات، ئېلېكتىر جابدۇقلىرى تىزگىنلەش تور ئۆتكىلى، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈزچات قوبۇللىغۇچ، توك ئۆلچەش ئۈزچاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇھىت ئۈسكۈنىلىرى ئادەتتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ، يېڭى ھاۋادان، ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىگۈچ، مۇھىت پارامېتىر تەڭشىگۈچ، ھاۋا تازىلىغۇچ، ئەقلىي شامالدۇرغۇچ، نەمدان، پار سىستېمىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەمراھى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، ئەينەك سۈرتۈش ماشىنا ئادىمى، ئاڭلىق چاڭ سۈمۈرگۈچ، ئاياغ ئىشكاپ ئاسرىغۇچ، ئاڭلىق ئەخلەت تۇڭى، ئاسما دەزمال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاشخانا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل پۇرچاق ئەزگۈچ، توك دۇخوپكا، بۇس تارتقۇ، توك قاسقان، بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسى، توك قازان، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، پار مەش، دىۋار يارغۇچ، كۈتۈنۈش چەينىكى، يەلقازان، سەي قورۇش ماشىنا ئادىمى، سۇ تازىلىغۇچ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، ماتېرىيال تەييارلاش ماشىنىسى، مارك ئىستاكانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەنھەرىكەت ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل يۈگۈرۈش ماشىنىسى، توكسىكلىت، تەنھەرىكەت يۈدۈمە سومكىسى، چېنىقىش سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى تۈرلۈك ئۇۋۇلىغۇچ، تارازا، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرى ئۆلچىگۈچ، توكلۇق چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆي بېزەش ئۈسكۈنىلىرى تۈرلۈك تور ئۇلىغۇچ، تىزگىنلىگۈچى باش ئاپپارات، ئاڭلىق ئۈزچات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوغداش ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل سەزگۈچ، ئىشىك قوڭغۇرىقى، تور ئۆتكىلى، سىگنال گۈدۈكى، تىزگىنەك، جىددىي كۇنۇپكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرلۈك ياڭراتقۇ، ئاڭلىق ئېكران، ئېكران، تەسۋىرچى، تىڭشىغۇچ، كۆزئەينەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تازىلىق، مۇنچا ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل ئاڭلىق پەردە، ئاڭلىق دېرىزە ئاچقۇچ، ئاڭلىق كىيىم ئاسقۇچ، مۇنچا ئىسسىتقۇچ چىراغ، تەرەت تۇڭى، سۇ قىزىتقۇچ، ئاڭلىق ئەينەك، توكلۇق پەردە، كىيىم يايغۇچ، كىرئالغۇ، توكلۇق چىش چوتكىسى، شامالدۇرغۇچ، ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سەزگۈچ ئۈسكۈنىلەر تۈرلۈك بەدەن سەزگۈچ، مۇھىت سەزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەكشۈرۈش تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەر، تۈرلۈك ئاڭلىق كامېرا، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باشقا ئۈسكۈنىلەر توكلۇق ئويۇنچۇق، توكلۇق تەڭپۇڭ ماشىنىسى، ئاڭلىق تېيىلغۇچ، توكلۇق ۋېلىسىپىت، سەپەر سومكىسى، ئاڭلىق سافا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇقىرىقى ئۈسكۈنە پەقەت ئەپ بازىرىدىكى نەشرىنىلا قوللايدۇ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىسىڭىز، ئەپ بازىرىدا بۇ ئەپنى يېڭىلىغاندىن كېيىن ئىشلىتىڭ.
1.1.3 ئاڭلىق ئۈسكۈنە بۇلۇت مۇلازىمىتى
«ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە تۆۋەندىكى سىز باغلىغان ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ھەمدە كۆپ خىل كەسىپ ئىقتىدارى مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز:
•روتېر تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەر WLAN روتېر، WLAN چوڭايتقۇچ، توك مۈشۈك، سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكۈنىلىرى (ھەمراھ Wi-Fi، كۆچمە روتېر، كۆچمە تور كارتىسى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: WLAN نامى، روتېرغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى ۋە IP ئادرېسى، روتېرنىڭ IP ئادرېسى، باشقۇرغۇچى ھېسابى، WLAN مەخپىي نومۇرى، روتېرنىڭ كىرىش مەخپىي نومۇرى، ئۈسكۈنە نامى، سىستېمىنىڭ سەپلىمە ئۇچۇرى. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت روتېر تۈرىدىكى ئۈسكۈنىگە كىرىشنى دەلىللەش، روتېر تۈرىدىكى ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت ھالىتىنى كۆرۈش، جەدۋەل ۋە تارىخىي خاتىرىنى ئىستاتىستىكىلاش، روتېر تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلەپ تېز سەپلەش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكۈنىسى يەنە ئۈسكۈنىنىڭ IMEI، IMSI، ICCID سى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، توك مىقدارى ئۇچۇرىنى توپلاپ سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكۈنىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئارايۈزدە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى توك مىقدارى ئۇچۇرى پەقەت E5 ئۈسكۈنىسىگىلا چېتىلىدۇ.
سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېقىمسىز ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى ئۈچۈن ئالبومىڭىزنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ رەسىم ئورتاقلىشىشقا ئىشلىتىمىز، رەسىم ئۇچۇرىڭىز پەقەت يەرلىك دائىرىلىك توردىكى ئۈسكۈنىلەر ئارا ئورتاقلىشىشقا ئىشلىتىلىدۇ، مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ.
«ئاڭلىق تۇرمۇش» ئارقىلىق روتېرنى يىراقتىن باشقۇرۇپ ئاڭلىق ئۈسكۈنىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش، سەپلىمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا، بارلىق تىزگىنلەش بۇيرۇقى مۇلازىمىتېر ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ، بۇيرۇقتىكى IP ئادرېسى، MAC ئادرېسى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN)، WLAN نىڭ SSID سى، WLAN مەخپىي نومۇرى، باشقۇرغۇچى ھېسابى، روتېرنىڭ كىرىش مەخپىي نومۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسى، تورغا چىقىش تۈرى، WLAN ھالىتى، WLAN پارامېتىرى، WLAN تىزىملىكى، سىستېما تەڭشىكى، سىستېما خاسلىقى ۋە ئۈسكۈنە مەلۇماتى، شۇنداقلا روتېر ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى ۋە IP ئادرېسى قاتارلىق مەلۇماتلار مۇلازىمىتېردا ساقلانمايدۇ. دائىرىلىك تور روتېرىدىكى WLAN ئارقىلىق بۇ روتېرنى باشقۇرغاندا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلار پەقەت يەرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ، مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، روتېرنىڭ «بالىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ئىقتىدارى ئالبوم (رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىپ، روتېرغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ باش سۈرىتىنى ئىختىيارىيلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ، بۇ مەلۇمات مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ.
•تور ئۆتكىلى تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەر پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق باش كومپيۇتېر، ھەرخىل PLC تور ئۆتكىلى، كۆكچىش تور ئۆتكىلى، Zigbee تور ئۆتكىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تور ئۆتكىلى ھەمدە تارماق تور ئۆتكىلى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى توپلىشىمىز كېرەك. ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت تور ئۆتكىلى تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تارماق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمەت ھالىتىنى كۆرۈش، تور ئۆتكىلى ھەم ئۇنىڭ تارماق ئۈسكۈنىلىرىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ھەمدە تور ئۆتكىلى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئۈسكۈنىلىرىگە يۇمشاق دېتال نەشر ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈندۈر. پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق باش كومپيۇتېرغا ئېسىلغان WLAN ئىقتىدارى بار تارماق ئۈسكۈنىنىڭ تور سەپلىمىسىنى تاماملاش ئۈچۈن WLAN نامى ۋە WLAN مەخپىي نومۇر ئۇچۇرىنى توپلايمىز. WLAN نامى ۋە مەخپىي نومۇر ئۇچۇرى پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق باش كومپيۇتېر ۋە «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ئارىسىدا مەخپىيلەشتۈرۈپ يوللىنىدۇ، مۇلازىمىتېردا ساقلانمايدۇ، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
•كامېرا، ئاڭلىق قۇلۇپ، كۆپ ئىقتىدارلىق تور ئۆتكىلى ئۈسكۈنىسى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ: ئۈسكۈنە خاتىرىلىگەن سىن، رەسىم، ئۈن، ئىختىيارىي باش سۈرەت، نام، قوڭغۇراق، سۆز قالدۇرۇش ھۆججىتى مەلۇماتى، قۇلۇپ ئۈسكۈنىنىڭ ھالىتى ۋە يۈرۈش خاتىرىسى، قۇلۇپنىڭ توك مىقدارى ئۇچۇرى. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت ئۈسكۈنە خىزمەت ھالىتى، تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ۋە تارىخىي ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر. قۇلۇپ ئۈسكۈنىسىنىڭ قۇلۇپ ئېچىش مەخپىي نومۇرى ئەپ ياكى خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىدا ساقلانمايدۇ، خۇاۋېي سىزنىڭ قۇلۇپ ئېچىش مەخپىي نومۇرىڭىزغا ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە تور ئۆتكىلى قالدۇرغان سۆزىڭىزنى توپلايدۇ ھەمدە سىز تەڭشىگەن تاماملاشقا تېگىشلىك ئىشلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى قەرەللىك ئەسكەرتىدۇ. سۆز قالدۇرۇش مەلۇماتلىرىڭىز مەخپىيلەشتۈرۈلۈپ تور ئۆتكىلىنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىدۇ.
•ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل ياڭراتقۇ، پىرويېكتور، تېلېۋىزور، تېلېۋىزىيە قۇتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (ئەپ نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنە خاتىرىلىگەن سىن، رەسىم، ئالاقە خاتىرىسى (قويۇش خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت ئەپ ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىتىشقا ئىشلىتىش، ئۈن-سىن ئۈسكۈنىسىنىڭ خىزمەت ھالىتى، تارىخىي خاتىرىسىنى كۆرۈش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە مەلۇمات زاپاسلاش ئىقتىدارى تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.
•تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى ئېغىرلىق ئۆلچەش تارازىسى، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى، ئۇيقۇ ئۆلچىگۈچ، ھەرىكەت بىلەيزۈك، قول سائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: ئىختىيارىي باش سۈرەت، نام، تەڭشەلگەن بوي ئېگىزلىكى، ياش، جىنس، تۇغۇلغان يىل ئاي، ئۈسكۈنە ئۆلچىگەن بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىق، بىيولوگىيەلىك قارشىلىق (بەدەندىكى ماي)، ئۈسكۈنە ئۆلچىگەن نەپەس رىتىمى، يۈرەك سوقۇش چاستوتىسى، ئۇخلاش ھالىتى، ئىشلەتكۈچى ئورنى، ھەرىكەت ئىزى. بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي ساغلاملىق مەلۇماتى ۋە ھەرىكەت ئىزى شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرغا تەۋە، بۇ خىل ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسىنىڭ خىزمەت ھالىتى، تەكشۈرۈش مەلۇماتى ۋە تارىخىي ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر.
•سەپەر ۋە ماشىنىغا ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلەر ھەرخىل ئاڭلىق ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، ماشىنا يۈرۈش خاتىرىلىگۈچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: ئورۇن ئۇچۇرى، ماشىنا يۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئىزى، ئۈسكۈنە خاتىرىلىگەن سىن، رەسىم، ئۈن، تەڭشەلگەن ماشىنا ئۇچۇرى (ماشىنا نامى، ماشىنىنىڭ تاختاي نومۇرى). بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمەت ھالىتى، ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى ۋە تارىخىي خاتىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈندۈر.
•شەخسىي ئاسراش ئۈسكۈنىلىرى ھەرخىل تېرە ئاسراش، سۇ تولۇقلاش ئەسۋابلىرى، كۆز ئۇۋۇلىغۇچ، كۆز ماسكىسى، ئۇۋۇلاپ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: تېرە سۇ كەملىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، تېرە تەكشۈرۈش ئۇچۇرى. بۇنىڭ ئىچىدە تېرە ساغلاملىق مەلۇماتى شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرغا تەۋە، بۇ خىل ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت شەخسىي ئاسراش ئۈسكۈنىسىنىڭ خىزمەت ھالىتىنى كۆرۈش، ئۇچۇر ۋە تارىخىي ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى ئۆلچەش.
•كۆرسەتكۈچ ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەر ھەرخىل كۆرسەتكۈچ ئېكران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: كۆرسەتكۈچ ئېكراننىڭ كۆز قوغداش تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە نام ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە ھالىتى ۋە يۈرۈش خاتىرىسى، ئۈسكۈنىنىڭ تىزىملىك ئۇچۇرى (ئۈسكۈنىنىڭ ئېكران سۇنۇش ئاق تىزىملىك ئۇچۇرى).
•خۇاۋېي ئاڭلىق ئۆي ئاڭلىق سەزگۈچ ئادەم بار-يوقلۇق ئۇچۇرى، رايونغا كىرگەنلىكنى تەكشۈرۈش، ئادەمنىڭ سەزگۈچكە نىسبەتەن تۇرغان ئورنى ۋە رۇخسەتسىز كىرگەنلىكنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى توپلايدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت ئۆيدىكى ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاڭلىقلاشقان كۆرۈنۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. سەزگۈچ پەقەت ئادەمنىڭ بار-يوقلۇق ھالىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، كونكرېت ئادەمنى تونۇيالمايدۇ ياكى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئەگەر سىز سەزگۈچ ئىشلىتىپ باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ.
بۇ ئەپ توپلىغان ساغلاملىق ئۇچۇرى قاتارلىق سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلىرىڭىز سىز ئەپتە ئېنىق ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن مۇلازىمىتېرغا يۈكلىنىدۇ. بىر قىسىم ئۈسكۈنىگە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى بۇلۇت مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ ئۈسكۈنە تەمىنلىگۈچى ئۆزى ئۈسكۈنە مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك ئۇچۇرنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ، خۇاۋېي بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇلازىمەت مەلۇماتىنى توپلىمايدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلمايدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ زاۋۇت ئۆزلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى بويىچە ئۆزىنىڭ مەلۇمات توپلاش ھەرىكىتىنى باشقۇرىدۇ، ئۈسكۈنىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا ئەستايىدىل ئوقۇڭ ھەمدە ئىجازەت بېرىپ قوشۇلۇڭ.
ئاڭلىق ئۈسكۈنىنىڭ «تەڭشەك (ياكى «::») > «ئۈسكۈنە ئۆچۈرۈش»/«ئۈسكۈنە چىقىرىۋېتىش» بېتىگە كىرىپ ياكى ئاڭلىق ئۈسكۈنە كارتىسىنى ئۇزۇن بېسىپ، «ئۈسكۈنە ئۆچۈرۈش»/«ئۈسكۈنە چىقىرىۋېتىش» بېتىگە كىرىپ، سىز باغلىغان ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى ئۆچۈرۈپ، مەلۇمات توپلاشنى توختىتىڭ. كونكرېت يولى تېرمىنالنىڭ تۈرى ۋە نەشرىگە قاراپ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە ئاڭلىق ئۈسكۈنە تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەيسىز.
يۇقىرىقى ئۈسكۈنە (مەسىلەن: روتېر، كامېرا قاتارلىقلار) پەقەت ئەپ بازىرىدىكى نەشرىنىلا قوللايدۇ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىسىڭىز، ئەپ بازىرىدا بۇ ئەپنى يېڭىلىغاندىن كېيىن ئىشلىتىڭ.
1.1.4 ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسى
خۇاۋېي ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسى (ياكى مۇلازىمىتى) بىز يۈرگۈزۈپ، سىزنى ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەرنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەھسۇلات (ياكى مۇلازىمەت) تۇر. «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىلىرى (مەسىلەن: ئاڭلىق ئاۋازلىق قوڭغۇراق، بالىلار ئاڭلىق ئاۋازلىق ھېكايە ئېيتقۇچ ۋە ئاڭلىق ئاۋازلىق مۇساپە خاتىرىلىگۈچ قاتارلىقلار) نىڭ كۆپ خىل كەسىپ ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمىتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز:
ئاۋازلىق بۇيرۇق، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت ئۇنى ئاساسلىق ئاۋاز ئالاقە مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىش بولۇپ، ئاۋازلىق بۇيرۇق ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنكى تېكىست مەلۇماتى بىخەتەر مەخپىيلەشتۈرۈلۈپ مۇلازىمىتېردا ساقلىنىدۇ.
تەخمىنىي ئورۇن ئۇچۇرى، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت ھاۋارايىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىشلىتىش ئۈچۈندۇر.
ئالاقە خاتىرىسى (قويۇش خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت ئۈسكۈنە خىزمەت ھالىتى ۋە تارىخىي خاتىرىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر.
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ئىشلىتىمىز: يۇقىرىقى ئۇچۇرلار مۇلازىمىتېرغا مەخپىيلەشتۈرۈپ يوللىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ئىجازىتىڭىزگە ئاساسەن مۇلازىمىتېردىن مەلۇمات تەكشۈرىدۇ ۋە ئۈسكۈنە بېتىدە كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، ئاڭلىق ئۈن ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىسى تەمىنلىگەن كەسىپ ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەيسىز.
1.1.5 ياردەم ۋە تەكلىپ
«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمەت مەسىلىلىرىگە توردا ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز: سىستېما خاتىرىسى (ئەپ ۋە ئۈسكۈنىنىڭ خاتىرە ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سىز ئىنكاس قىلغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان مەلۇمات (مەسىلە تەپسىلاتى، مەسىلىنىڭ ھالەت رەسىمى ۋە سىن). بۇنىڭ ئىچىدە ئەپ ۋە ئۈسكۈنىڭىزنىڭ خاتىرە ئۇچۇرى ئۈسكۈنىنىڭ ھالىتى ۋە يۈرۈش خاتىرىسى، سەزگۈچى ئۈسكۈنىلەر سەزگەن سۇغا چىلىنىش، ئىس-تۈتەك، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئادەم بار-يوقلۇق، رايونغا كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN، ئاندرويد كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت، ئىشلەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئورۇن بەلگىلەش؛ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىڭىزنى توپلاشتىكى مەقسەت بولسا كېيىنكى زىيارەت قىلىش مەسىلىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولغان-بولمىغانلىقى ئىگىلەش ۋە سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزدىن باشقا زۆرۈر ئۇچۇرغا ئېرىشىش.
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ئىشلىتىمىز: يۇقىرىقى ئۇچۇرلار مۇلازىمىتېرغا مەخپىيلەشتۈرۈپ يوللىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلار مەسىلىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، شەخسىي ئۇچۇرلار كۆرسىتىشكە، سودا ئېلانى ئەۋەتىشكە ئىشلىتىلمەيدۇ.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، ئىنكاس قىلغان مەسىلىگە قارىتا ئۈنۈملۈك ئورۇن بەلگىلەپ ھەل قىلالمايمىز.
1.1.6 ئاڭلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئۇيۇل دېتالىنى يېڭىلاش
ئاڭلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئۇيۇل دېتال نەشرىنى يېڭىلاش ھەمدە مۇلازىمەت ئانالىزى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايدۇ: باغلىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ بەلگىسى (SN نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئۇيۇل دېتال يېڭىلاش بوغچىسىنىڭ تۈرى، بۇ ئۇچۇرلار يېڭىلانما تەكشۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەيمىز ھەمدە مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالىنى يېڭىلاش مۇلازىمىتى ئىشلىمەيدۇ.
«ئاڭلىق تۇرمۇش» پەقەت ئۈسكۈنە يېڭىلاش يولىنى تەمىنلەيدۇ، ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالى نەشرىنى ئۈسكۈنە زاۋۇتى تەمىنلەيدۇ، نەشرنىڭ سۈپىتى ۋە يېڭىلاش نەتىجىسىگە زاۋۇت مەسئۇل بولىدۇ. قىسمەن ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالنى ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالنىڭ يېڭى نەشرىنى ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرىدۇ، چۈشۈرىدۇ ۋە قاچىلايدۇ. ئۈسكۈنىنىڭ «تەڭشەك» بېتىدىن «ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش» ئىقتىدارىنى ئاچالايسىز ۋە ئېتەلەيسىز، «ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش» ئىقتىدارىنى ئەتكەندىن كىيىن سىز يەنىلا قولدا يېڭىلىيالايسىز. ئەگەر ئاڭلىق ئۆي ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، «مەن» > «تەڭشەك» > «ئۇيۇل دېتال يېڭىلاش» بېتىگە كىرىپ، بەتنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن پۈتۈن ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلەرنى «ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش» ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز ياكى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
1.1.7 ئەپ يېڭىلاش
ئەپ يېڭىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرنىڭ تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەپ پەرقلىگۈچ UUID ۋە ئەپنىڭ نەشرى ئۇچۇرى. بۇ ئۇچۇرلار يېڭىلانما تەكشۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەيمىز ھەمدە مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.
ئۈسكۈنىنىڭ «تەڭشەك» بېتىدىن «قىستۇرمىنى WLAN دا ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش» ئىقتىدارىنى ئاچالايسىز ۋە ئېتەلەيسىز، «قىستۇرمىنى WLAN دا ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش» نىڭ ئىقتىدارىنى ئەتكەندىن كىيىن سىز يەنە قولدا يېڭىلىيالايسىز.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتەلمەيسىز.
1.1.8 كۆرۈنۈش، ئائىلە باشقۇرۇش ۋە ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش
كۆرۈنۈش، ئائىلە باشقۇرۇش ۋە ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش ئىقتىدارىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: خۇاۋېي ھېسابى، نام، باش سۈرەت، ئورۇن ئۇچۇرى (جۇغراپىيەلىك كوردىنات، ئېنىق ئورۇن ئۇچۇرى ۋە تەخمىنىي ئورۇن ئۇچۇرى)، ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنە تۈرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (DEVID، UDID، SN)، ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى، ئۈسكۈنە تىپى، ئۈسكۈنە تىزىملىكى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تۈرى، سىستېما نەشرى، ئىشلەتكۈچى ئىختىيارىيلاشتۇرغان كۆرۈنۈش تەڭشىكى، ئائىلە نامى، ئەزا تىزىملىكى، كۆرۈنۈش بەلگىسى، كېسىش تاختىسى ئۇچۇرى ۋە قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى، بۇ ئۇچۇرلار كۆرۈنۈش بېكىتىش، ئائىلە گۇرۇپپىسى باشقۇرۇش، ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش ۋە ئورتاق ئۈسكۈنە قوبۇللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
HarmonyOS سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلغان تېرمىنالدا تارقاقلاشتۇرۇلغان كۆپ ئۈسكۈنە ھەمكارلىقى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابىڭىزدىكى خۇاۋېي ھېسابى OpenID سى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (DEVID نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ئائىلە توپى ئۇچۇرىنى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تېرمىنالىغا ئورتاقلىشىمىز، بۇ ئوخشاش بىر ئائىلىدىكى ئۈسكۈنىلەردە سىننى ئېكرانغا سۇنۇش ۋە ئاۋاز قويۇش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ھەمكارلىقى ئىقتىدارىغا ئىشلىتىلىدۇ.
پۈتۈن ئۆينىڭ ئاڭلىق تارماق سىستېمىسىدا ئورۇنغا ئاساسەن ھاۋارايىغا ئېرىشىش، ھاۋارايى مۇلازىمىتى، جۇغراپىيەلىك رايونغا ئاساسەن تەمىنلەنگەن پەرقلىق مۇلازىمەت (مەسىلەن يەرلىكتىكى بايراملارنى ئەسكەرتىش) قاتارلىق ئورۇنغا ئاساسلانغان مۇلازىمەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەخمىنىي ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىكنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق كۆرۈنۈش موتورىدا سىز تەڭشىگەن ئۈسكۈنە خاسلاشتۇرۇش تەڭشىكى، ئىشلەتكۈچى خاسلاشتۇرغان كۆرۈنۈش تەڭشىكى ئۇچۇرى، خاسلاشتۇرغان خەت، بىردىنبىر ئىختىيارىي پەرقلىگۈچ (كۆرۈنۈش بەلگىسى، ئۆي نومۇرى، كۆرۈنۈش ئىجرا قىلىش نومۇرى)، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (DEVID) نى توپلاپ، پۈتۈن ئۆيدىكى ئاڭلىق كۆرۈنۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىمىز.
خۇاۋېي ئاڭلىق ياردەمچى مۇلازىمىتىنىڭ ئاۋاز ئىزى ماسقەدەملەش ئىقتىدارىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھېساباتىڭىزدىكى ئاڭلىق تۇرمۇش ئائىلە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچۇرىنى خۇاۋېي ئاڭلىق ياردەمچى مۇلازىمىتىگە ئورتاقلىشىش كېرەك، بۇ ئۇچۇرلار بىر ئائىلىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئارا ئاۋاز ئىزى ماسقەدەملەپ، ئۇلارنى ئاۋازلىق تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
باغلانما كۆرۈنۈشنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى يانفون/تاختا كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىدۇ، شۇڭا سىستېمىڭىزنىڭ خاسلىقى، ئۈسكۈنە تىپى، ئۈسكۈنە ماركىسى، ئۈسكۈنىنىڭ ئۆزەك تۈرىنى توپلايمىز.
تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يانفون/تاختا كومپيۇتېرنىڭ تىل تەڭشىكى ۋە قاتتىق دېتال ئۇچۇرىنى توپلايمىز.
كۆرۈنۈش كارتىسى ھەرخىل مەشغۇلاتلارنى ئۆزلۈكىدىن ئىجرا قىلالايدۇ. بىز سىز تەڭشىگەن ۋاقىت، ئورۇن (ئېنىق ئورۇن ئۇچۇرى)، ئۆزلەشتۈرمە بۇيرۇق (كۆرۈنۈش ئۈنى)، ئۈسكۈنە تاقاش ھالىتى، ھەرىكەت ھالىتى، ھەرىكەتتىكى يۈرەك رىتىمى، ھەرىكەتتىكى قەدەم سانى، ھەرىكەت ئارىلىقى، ھەرىكەتتە خورىغان كالورىيە، خاسلاشتۇرغان خەت، كۆكچىش پارامېتىرى، WLAN پارامېتىرى، ئالاقىداشنىڭ ئىسمى، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (ئەپ بوغچىسىنىڭ نامى، نەشر نومۇرى) ۋە ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (UDID، Push Token) نى توپلايمىز ھەم بۇ كۆرۈنۈش تەڭشەك ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز. خۇاۋېي ئىختىيارىي ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN) ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى سىز تەكشۈرىدىغان ئۇچۇر بىلەن بىرگە ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ سالاھىيەت ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشمەيدۇ. كۆرۈنۈش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوشۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆرۈنۈش كارتىسىنى قولدا چېكىپ كۆرۈنۈشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوزغىتالايسىز ياكى تەڭشەش شەرتىنى ھازىرلىغاندا كۆرۈنۈش كارتىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئىجرا قىلىش ئۈزچاتىنى چېكىپ ئۇنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
«خۇاۋېي مۇزىكىسى» نى قاچىلاپ «يەرلىكتىكى مۇزىكىنى قويۇش» كۆرۈنۈشىنى تەھرىرلىگىنىڭىزدە، «خۇاۋېي مۇزىكىسى» غا ئاتلاپ مۇناسىپ مۇلازىمەتنى تەمىنلەيمىز، (https://privacy.consumer.huawei.com/legal/music/privacy-statement.htm?country=CN&language=ug_cn&branchid=4)خۇاۋېي مۇزىكىسى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە باياناتنى چېكىپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز.
كۆرۈنۈش ئىجرا قىلىش «ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى» نى ئىشلىتىدۇ، (https://privacy.consumer.huawei.com/legal/hilinksvc/privacy-statement.htm?code=CN&branchid=999&language=ug-cn)ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە باياناتنى كۆرۈپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى چۈشىنىڭ.
كۆرۈنۈش تەڭشىكىدە ھاۋارايىدىن مەلۇمات، يول ئەھۋالى، جۇغراپىيەلىك قاشا قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن گاۋدې ئوچۇق سۇپىسى خەرىتە SDK سىنى توپلاشتۇردۇق. بۇ SDK تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايدۇ: ئورۇن ئۇچۇرى (جۇغراپىيەلىك كوردىنات، ئېنىق ئورۇن ۋە تەخمىنىي ئورۇن)، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى (IP ئادرېسى، GNSS ئۇچۇرى، WLAN ھالىتى، WLAN پارامېتىرى، WLAN تىزىملىكى، SSID، BSSID، سىگنال مۇنارى ئۇچۇرى، سىگنال كۈچى ئۇچۇرى، كۆكچىش ئۇچۇرى، سەزگۈچ ئۇچۇرى (تەڭپۇڭلۇق، تېزلىنىش، بېسىم، يۆنىلىش ۋە ماگنىت سەزگۈچ)، ئۈسكۈنە سىگنال كۈچى ئۇچۇرى، تاشقى ساقلىغۇچ يولى)، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ ئۇچۇرى (IMEI، IDFA، IDFV، ئاندرويد كىملىكى ،MEID، MAC ئادرېسى، OAID، IMSI، ICCID، قاتتىق دېتالنىڭ تەرتىپ نومۇرى)؛ نۆۋەتتىكى ئەپنىڭ ئۇچۇرى (ئەپ نامى ۋە ئەپ نەشرى)، ئۈسكۈنە ئۆلچەملىرى ۋە سىستېما ئۇچۇرى (سىستېما خاسلىقى، ئۈسكۈنە تىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى). ئاۋازلىق قوزغىتىلىدىغان كۆرۈنۈش ئىجرا قىلىش، ئۆزلەشتۈرمە تېكىست ۋەزىپىسى قاتارلىق كۆرۈنۈش ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن، سىزگە خۇاۋېي ئاڭلىق ئاۋاز مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيمىز، مەزكۇر مۇلازىمەت خەتلىك بۇيرۇق، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (UDID) نى توپلاپ خۇاۋېي ئاڭلىق ئاۋازىغا ئورتاقلىشىپ كۆرۈنۈش ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى تەمىنلەش ۋە كۆرۈنۈش ئىجراسىنى ئىستاتىستىكىلاشقا ئىشلىتىدۇ، تەپسىلاتىنى خۇاۋېي ئاڭلىق ئاۋازنىڭ(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/ai-voice/privacy-statement.htm?code=CN&branchid=10&language=ug_cn) مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن كۆرۈڭ.
كۆرۈنۈش ئاڭلىق تۇرمۇش، ئاڭلىق ياردەمچى، تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىق بىر نەچچە ئەپتە قۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى قوللايدۇ. كۆرۈنۈش ئىشلىتىش تەسىراتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۆرۈنۈش مەلۇماتى ماسقەدەملەش ئىقتىدارى تەمىنلىدۇق، ئۇ كۆرۈنۈش مەلۇماتىنى ئەپ ئاتلاپ ماسقەدەملەشنى قوللايدۇ، خۇاۋېي يانفون/تاختا كومپيۇتېرىڭىزدا «تەڭشەك» > «ئاڭلىق ياردەمچى» > «ئاڭلىق كۆرۈنۈش» > «مەلۇمات ماسقەدەملەش» ياكى «ئاڭلىق تۇرمۇش» > «كۆرۈنۈش» > ∷ > «مەلۇمات ماسقەدەملەش» كە كىرىپ كۆرۈنۈش مەلۇماتىنى ماسقەدەملەش ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز ياكى ئەتسىڭىز بولىدۇ. ئاڭلىق ياردەمچىنىڭ 11.0.54.302 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرىلىرى كۆرۈنۈش مەلۇماتىنى ماسقەدەملەش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، كۆرۈنۈش، ئۆي باشقۇرۇش، ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش، ئاڭلىق ئۆي تارماق سىستېمىسى ۋە ئاۋاز ئىزىنى ماسقەدەملەش ئىقتىدارنى ئىشلىتەلمەيسىز.
كۆرۈنۈش ئىقتىدارى پەقەت ئەپ بازىرى تەمىنلىگەن نەشرىدە ئىشلەيدۇ.
1.1.9 بازار
بازار، «ئاڭلىق تۇرمۇش» مەھسۇلات ئۇچۇرى ۋە ئاممىۋىي سىناق مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى «خۇاۋېي بازىرى» نى توپلاشتۇردى. بازاردا ئورتاقلىشىشقا ئىجازەت قىلغان ياكى تاپشۇرغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش، «خۇاۋېي بازىرى» تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. تەپسىلاتىنى (https://consumer.huawei.com/minisite/cloudservice/vmall/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug_cn)خۇاۋېي بازىرىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن كۆرۈڭ.
ئەگەر بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، «خۇاۋېي بازىرى» دا مال سېتىۋالالمايسىز، لېكىن بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
1.1.10 مۇنبەر
مۇنبەر ئىقتىدارىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىگە «خۇاۋېيىم» تەمىنلىگەن مۇنبەر مۇلازىمىتى سەپلەنگەن. مۇنبەر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە يوللىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا «خۇاۋېيىم» مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. تەپسىلاتىنى «خۇاۋېيىم ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات»(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/my-huawei/privacy-statement.htm?country=CN&language=ug_cn) تىكى ئالاقىدار بۆلەكتىن كۆرۈڭ.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، مۇنبەردە يازما ۋە ئىنكاس يوللىيالمايسىز، ئەمما «ئاڭلىق تۇرمۇش» نىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ.
1.1.11 ئاڭلىق سودا
«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى باھالاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز: خۇاۋېي ھېسابى OpenID سى، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (ئەپ نامى، نەشرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەپ ئىشلىتىش خاتىرىسى (ئەپ بېتىنى زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (يانفون، تاختا كومپيۇتېرنىڭ تىپى، ئېكران ئېنىقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN، WLAN نىڭ MAC ئادرېسى ۋە ئاندرويد كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنە تىزىملىكى، ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنە تۈرى، ئالاقە خاتىرىسى (سىز تاپشۇرغان ئىزدەش سۆزى) ئۇچۇرى.
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىمىز: ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN، ئاندرويد كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خۇاۋېي ھېسابى OpenID سى مەلۇماتلارنى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن، خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىغا مەخپىيلەشتۈرۈپ يوللىنىپ مەلۇمات ئىستاتىسىتىكىلاپ، مەلۇمات ئىستاتىستىكا جەدۋىلى چىقىرىلىدۇ، «ئاڭلىق تۇرمۇش» نىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
1.1.12 پۈتۈن ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەلۇماتىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش
پۈتۈن ئۆينىڭ باش كومپيۇتېرىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، پۈتۈن ئۆينىڭ باش كومپيۇتېرى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ كاشىلىسىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئەسلىدىكى سەپلىمە ئاساسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن ئۈسكۈنىنى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىزگە پۈتۈن ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەلۇماتىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلىدۇق، بۇ كەسىپنى ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز كېرەك: ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN، WLAN نىڭ MAC ئادرېسى، كۆكچىشنىڭ MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنىنىڭ خاسلاشتۇرۇلغان سەپلىمە پارامېتىرى ئۇچۇرى. ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلگەندە ئەڭ يېقىنقى ئۈسكۈنە ھالىتىگە ۋاقتىدا قايتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى ئۈسكۈنىنىڭ مەلۇماتىنى بۇلۇتقا كۈندە بىر قېتىم زاپاسلايمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى زاپاسلانغان مەلۇماتنى بۇلۇتتا مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.
1.1.13 پاش قىلىش
بايقاش قانىلىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، «ئاپتورنىڭ ھېسابات بېتى»، «تېما بېتى» ۋە «پائالىيەت بېتى» دىن «∷» > «پاش قىلىش» نى چېكىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ؛ سىز يەنە «سىن بېتى»، «ماقالە بېتى» دىن ئورتاقلىشىش كۇنۇپكىسى > «پاش قىلىش» نى چېكىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ. شىكايەت ۋە پاش قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، سىز تاپشۇرغان پاش قىلىش مەزمۇنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى (تورخەت ۋە يانفون نومۇرى)، پاش قىلىش ماتېرىيالى (خەت، رەسىم ۋە سىن ئۇچۇرى) نى توپلاپ، شىكايەت ۋە پاش قىلىش تەلىپىڭىزنى تاپشۇرۇۋالىمىز ۋە بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، تەلىپىڭىز ۋە ئىنكاس بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
1.1.14 بايقاش قانىلى
پائالىيەتكە تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى تەمىنلەش ئۈچۈن خۇاۋېي ھېسابى OpenID سىنى توپلايمىز.
سىزگە دۇكان ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن، خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايدۇ: ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، تاللىغان شەھەر ۋە ئالاقە ئادرېسى (دۇكان ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
سىزگە ياقتۇرغان، ساقلىغان رەسىم ۋە سىننى تېز كۆرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز كېرەك: ئالاقە خاتىرىسى (قوللاش، ساقلاش خاتىرىسى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
قىزىقىدىغان كەسىپلەرنى تېزلىكتە تېپىشىڭىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، سىزگە ئىزدەش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز، بۇ مۇلازىمەت ئالاقە خاتىرىسى (سىز تاپشۇرغان ئىزدەش سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى توپلايدۇ.
مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەيمىز ھەمدە مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.
ئاڭلىق تۇرمۇش ئەپىنىڭ خۇاۋېي يانفونلىرىغا زاۋۇت تەرەپ ئالدىن قاچىلىغان نەشرى «بايقاش قانىلى» ئىقتىدارىنى قوللىمايدۇ، ئەپ بازىرى ئارقىلىق ئاڭلىق تۇرمۇش ئەپىنى يېڭىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
1.2 ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، سىزگە تۆۋەندىكى كەسىپ ئىقتىدار/مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەيمىز ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز.
1.2.1 ئاڭلىق تۇرمۇش كەسپىنى يۈرگۈزۈش
«ئاڭلىق تۇرمۇش» كەسپىنى يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز: خۇاۋېي ھېسابىنىڭ OpenID سى، IP ئادرېسى، يوقلىما، چەك تارتىش ۋە پۇرچاق نەقلەشتۈرۈش خاتىرىسى، ئىنكاس قىلغان مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۇچۇرىڭىز (ئىسىم-فامىلە، تېلېفون نومۇرى/يانفون نومۇرى، ئادرېس)، ئالاقە خاتىرىسى (كېسىش تاختىسى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ خىل ئۇچۇرنى توپلاشتىكى مەقسەت يوقلىما، چەك تارتىش، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش، كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەيمىز ھەمدە مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلايمىز.
سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرىگە تەمىنلىشىمىز كېرەك.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» كەسپىنى يۈرگۈزەلمەيمىز. «مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «ت-پۇرچاق مۇلازىمىتى» نى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
يوقلىمىدىن ئۆتۈپ چەك تارتىش ۋە پۇرچاق نەقلەشتۈرۈش ئىقتىدارى پەقەتلا ئەپ بازىرىدىكى نەشرىنى قوللايدۇ.
1.2.2 ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانى
كاشىلا بىر تەرەپ قىلىش، ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز: «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى، پۈتۈن ئۆي ئاڭلىق كۆرۈنۈش ماتورى ۋە ئاڭلىق ئۈسكۈنىنىڭ خاتىرىسى، ئۇ نامسىزلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (WLAN نىڭ MAC ئۇچۇرى، ئاندرويد كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سىستېما خاتىرىسى (ھالقىلىق جەريان خاتىرىسى، ئىش خاتىرىسى، كاشىلا خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خاتىرىگە سەزگۈر ئۇچۇرلىرىڭىز خاتىرىلەنمەيدۇ.
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تۆۋەندىكىدەك ئىشلىتىمىز: ئۆزلۈكىدىن توپلىنىپ مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنگەن «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى، پۈتۈن ئۆي ئاڭلىق كۆرۈنۈش ماتورى ۋە ئاڭلىق ئۈسكۈنە خاتىرىسى ھەمدە «ياردەم ۋە تەكلىپ» ئېغىزى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى يۈكلىگەن «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ۋە ئاڭلىق ئۈسكۈنە خاتىرىسى ئانالىز قىلىش، ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈش ھالىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆرۈلگەن كاشىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىر قىسىم ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلىگەن ۋە شۇلار ئاسرايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈسكۈنە ئىشلىگۈچىنىڭ مۇلازىمىتېرىغا يۈكلىنىشى مۇمكىن. تەپسىلاتىنى ئۈسكۈنە تەپسىلات بېتىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى ئارقىلىق كۆرۈڭ.
بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» كەسپىنىڭ كاشىلىسى ۋاقتىدا بايقالمايدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ، ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ۋاقتىدا ياخشىلىيالمايدۇ، بىراق بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. «مەن» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» قا كىرىپ، «خۇاۋېي ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانىغا قوشۇلۇش» نى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
1.2.3 ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رازىلىقىنى تەكشۈرۈش
مەھسۇلاتىمىزنىڭ تەسىراتىنى ياخشىلاش ۋە ئۆرلىتىش ئۈچۈن، خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (ئۈسكۈنە نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (ئەپنىڭ نەشر نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلارنى توپلاپ سىزگە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىدىن رايسىناش سوئالى ئەۋەتىشكە ئىشلىتىدۇ. رايسىناش سوئالىمىزغا قاتنىشىشنى تاللىغاندىن كېيىن، خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (پۈتۈن ئۆيدىكى باش ئاپپاراتنىڭ SN سى، تىزگىنلەش ئېكرانىنىڭ UUID سى)، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (ئەپنىڭ نەشر نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئالاقە خاتىرىسى (سوئالغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى توپلاپ، مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەسىراتىڭىزنى تەھلىل قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. (https://consumer.huawei.com/minisite/cloudservice/ai-life-china/terms.htm?country=CN&language=ug-cn&branchId=201)ئىشلەتكۈچى تەسىراتىدىن رايسىناش ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە باياناتنى كۆرۈپ، تەپسىلىي ئۇچۇرىنى چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەيمىز.
ئەگەر بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، مەھسۇلاتنىڭ تەسىرات نەتىجىسىنى ئىنكاس قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئاڭلىق تۇرمۇشنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
1.2.4 ئۇچۇر ئەۋەتىش
سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ OpenID سى، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئەپ ئىشلىتىش ئۇچۇرى ۋە ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەۋەتىلىدىغان مەزمۇن سىزگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەسىراتى بېرىش ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش بالدىقى كەسىپ ۋەقەلىكى، ئۈسكۈنە ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەشغۇلات پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. «مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى» نى ئېتىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرىدىكى ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرىدىكى ئۆزگىرىشىنى ئەۋەتىش ئىقتىدارى تەمىنلەيمىز، بۇ ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىشنى خالىمىسىڭىز، «مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «خۇاۋېي ھېسابى ئائىلە ئەزاسى تەۋسىيەسى» نى ئېتىپ، بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ.
روتېرنىڭ ئۇچۇر ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، «روتېر» > «كارتا» > «ئۈسكۈنە» ياكى «كۆپرەك» > «ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى» غا كىرىپ بۇ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
سىمسىز كەڭ بەلباغلىق E5 ئۈسكۈنىسىنىڭ توك ئازلىق ئەسكەرتمىسى ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈسكۈنە كارتىسىغا كىرىپ، «كۆپرەك» > «توك تېجەش تەڭشىكى» > «توك ئازلىق ئەسكەرتمىسى» گە كىرىپ بۇ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
ئاڭلىق قۇلۇپنىڭ ئۇچۇر ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈسكۈنە كارتىسى باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ، «ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى» بېتىدىن بۇ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
يوللانغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز ئۈچۈن، شياۋمى، OPPO، vivo قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئۇقتۇرۇش SDK سىنى توپلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن، مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش SDK سى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلىشى مۇمكىن، كونكرېت مەزمۇنىنى ئالتىنچى بابتىكى «ئۈچىنچى تەرەپ SDK تىزىملىكى» دىن كۆرۈڭ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى شياۋمى PUSH SDK بىرىكمىسى ئەپ ئېتىلگەن ياكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقاندا تېرمىنالدىن نورمال ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم (ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدىغان) ئىقتىدار ئىشلىتىدۇ، ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تەلىپى ئۈچۈن بەلگىلىك قېتىمدا سىستېما ئارقىلىق بۇ ئەپنى ئويغىتىش ياكى باغلانما قوزغىتىش سىگنالى يوللىنىدۇ؛ سىز ئەپ باشقۇرۇشتىن مەزمۇن ئەۋەتىش ئۇچۇرىنى ئاچسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۇنى ئاچىدۇ. ئەگەر سىز ئەپ باشقۇرۇشتىن ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشىنى ئاچمىسىڭىز، باغلانما قوزغاتمايدۇ، شياۋمى PUSH SDK پەقەت شياۋمى يانفونى ياكى تاختا كومپيۇتېرىدا ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.
1.3 قانۇنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ياكى قانۇن-نىزاملار بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز ۋە بىر تەرەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
1.3.1 ئاڭلىق تۇرمۇش مەزمۇن خەتىرىنى تىزگىنلەش
«ئالاقە تورىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابات نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن، نام ئۆزگەرتكەن ۋاقتىڭىزدا (مەسىلەن ئائىلە، ياتاق ۋە ئۈسكۈنە نامى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتكەندە)، نام ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، بۇ پەقەت نامنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا سىستېما نامنى ئۆزلۈكىدىن قايتا بېكىتىدۇ.
1.4 ئاڭلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ ھالىتى
ئاساسىي مۇلازىمەتنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، روتېر قاتارلىق ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى يەرلىكتە باشقۇرسىڭىز، ئۈسكۈنە تىزگىنلەش كارتىسى قىستۇرمىسىنى توردا يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاساسىي مۇلازىمەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ئۇچۇرى بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ، بۇ مەخپىيەتلىك باياناتىغا قوشۇلمىسىڭىز پەقەت بۇ ئاساسىي ئىقتىدارنىلا ئىشلىتەلەيسىز. «تولۇق مۇلازىمەت» ھالىتىدە «ئاساسىي مۇلازىمەت» ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، «مەن» > «تەڭشەك» > «مۇلازىمەت تەڭشەكلىرى» گە كىرىپ، «ئاساسىي مۇلازىمەت» نى تاللاپ ھالەت ئالماشتۇرۇشنى تاماملاڭ؛ «تولۇق مۇلازىمەت» ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، سول تەرەپ ئۈستىدىكى «∷» > «مۇلازىمەت تەڭشەكلىرى» گە كىرىپ، «تولۇق مۇلازىمەت» نى تاللاپ ھالەت ئالماشتۇرۇشنى تاماملاڭ.
2 ئۈسكۈنە ئىجازەتلىرى
تېلېفون (ئۈسكۈنە ئۇچۇرى) ئىجازىتى: قىستۇرمىدا نورمال تېلېفون ئۇرۇشىڭىز ئۈچۈن، بۇ ئىجازەت «تەلراۋان» مۇلازىمىتىڭىزنى ئاكتىپلاش، سۆزلەشكەندە يانفونىڭىزنىڭ سۆزلىشىش ھالىتىگە ئېرىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلراۋان» مۇلازىمىتىنى «خۇاۋېي ياڭراتقۇسى» ياكى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە باغلاپ تەلراۋان قىستۇرمىسىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئورۇن ئىجازىتى: بۇ ئىجازەت WLAN ئۇچۇرىنى ئوقۇپ ئاڭلىق ئۈسكۈنە بايقاش، قوشۇش، ئۇلاش، باشقۇرۇش، ئورۇنغا ئاساسلىنىدىغان كۆرۈنۈش قۇرۇش، ھاۋارايىنى تەكشۈرۈش، ئائىلە ئورنىنى بەلگىلەش، ئۆي لايىھەسىنى كىرگۈزۈش، WLAN سىگنالىنى تەكشۈرۈش، ئاڭلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئورتاقلىشىش ۋە ئورۇنغا ئاساسلىنىدىغان ئۆي سىستېمىسى ئىقتىدارلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى «WLAN سىگنال كۈچىنى تەكشۈرۈش»، «ئاڭلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئورتاقلىشىش» تىكى ئورۇنغا ئاساسلىنىدىغان ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن روتېر تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى باغلىشىڭىز ھەمدە روتېر قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈشىڭىز كېرەك.
كامېرا ئىجازىتى: بۇ ئىجازەت كود سايىلەش، «تەلراۋان» نىڭ سىن مۇلازىمىتى، رەسىمگە تارتىپ مەسىلە ئىنكاس قىلىش، ئاڭلىق ئۈسكۈنىدە رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋە سىنلىق تېلېفون قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلراۋان» ئىقتىدارىنى «خۇاۋېي ياڭراتقۇسى» ياكى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە باغلاپ «تەلراۋان» قىستۇرمىسىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئالاقىداش ئىجازىتى: بۇ ئىجازەت ئائىلە ئەزاسى قوشۇش، خۇاۋېي ھېسابى ئارقىلىق ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش، ئالاقىداش كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن «تەلراۋان» ئالاقىدىشى قوشۇش ۋە تەھرىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلراۋان ئالاقىدىشى قوشۇش» ئىقتىدارىنى «خۇاۋېي ياڭراتقۇسى» ياكى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە باغلاپ تەلراۋان قىستۇرمىسىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
مىكروفون ئىجازىتى: بۇ ئىجازەت «تەلراۋان» مۇلازىمىتى، مەزمۇن پاش قىلغاندا ئۈن ئېلىپ يۈكلەش، كۆرۈنۈش بېكىتكەندە ئۈن ئېلىش، ئاڭلىق ئۈسكۈنىدە ئاۋاز تونۇش ۋە ئايلاندۇرۇش، چاقىرىق، ئۈن ئېلىش، ئاۋاز يوللاش ۋە ئۆزلەشتۈرمە ئاۋازلىق جاۋاب قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بوشلۇق (مېدىيا ۋە ھۆججەت) ئىجازىتى: بۇ ئىجازەت يانفون ياكى ئاڭلىق ئۈسكۈنىگە ھۆججەت ساقلاش، ئۈسكۈنىگە ساقلانغان ھۆججەتنى ئوقۇش، مەسىلە ئىنكاس قىلىش، مەزمۇن پاش قىلىش، پۇرچاق مۇكاپات نەتىجىسىنى ئورتاقلىشىش، كۇگوۋ ھېسابىغا تىزىملاپ كىرىش، ياڭراتقۇ مۇقاۋا رەسىملىرى ۋە ئاڭلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ساقلاش، «تەلراۋان» دا سۆز قالدۇرۇش، ئاۋاز قويۇش ھەمدە ئۈسكۈنىدىكى ئەپلەرنى ئاڭلىق ئېكرانغا قاچىلاش، كۆرۈنۈش بېكىتكەندىكى ئۈن ئېلىش ھۆججىتىنى ساقلاش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «كۇگوۋ ھېسابىغا ئايرىم تىزىملاپ كىرىش»، «مەزمۇن پاش قىلىش» ۋە «ياڭراتقۇ مۇقاۋىسىنى ساقلاش» ئىقتىدارى ئۈچۈن «خۇاۋېي ياڭراتقۇسى» باغلاش ۋە ياڭراتقۇ قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش كېرەك؛ «ئاڭلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ساقلاش» ئىقتىدارى ئۈچۈن «خۇاۋېي ئائىلە بوشلۇقى» ئۈسكۈنىسى باغلاش ۋە بوشلۇق ئۈسكۈنىسى قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش كېرەك؛ «تەلراۋان سۆز قالدۇرغۇچ» ۋە «ئۈسكۈنىدىكى ئەپلەرنى ئاڭلىق ئېكرانغا قاچىلاش» ئىقتىدارى ئۈچۈن «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» باغلاش ۋە ئاڭلىق ئېكرانلىق ئۈسكۈنە قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش كېرەك. «بالىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ئىقتىدارى ئالبومنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رەسىمنى ئوقۇپ، روتېرغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ باش سۈرىتىنى ئىختىيارىيلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ.
سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىجازىتى: «تەلراۋان» قىستۇرما مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەلراۋان سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كۆرۈش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى تاللىشىڭىز كېرەك. «تەلراۋان» قىستۇرما مۇلازىمىتىنى «خۇاۋېي ياڭراتقۇسى» ياكى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە باغلاپ مەزكۇر قىستۇرمىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى ئىجازىتى: سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور مەھسۇلاتىنىڭ ئېقىمسىز ئەپ ئورتاقلىشىش، كۆرۈنۈش تەھرىرلەش ۋە ئۈسكۈنىدىكى ئەپلەرنى ئاڭلىق ئېكرانغا قاچىلاش (يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېرغا قاچىلانغان ئەپلەرنى كۆرسىتىش ۋە ئەپنى ئاڭلىق ئېكرانغا ئورتاقلىشىش) ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىشىڭىز كېرەك. «ئۈسكۈنىدىكى ئەپنى ئاڭلىق ئېكرانغا قاچىلاش» ئىقتىدارىنى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئېكرانى» ئۈسكۈنىسىگە باغلاپ ئاڭلىق ئېكران قىستۇرمىسىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
يېقىن ئەتراپتىكى ئۈسكۈنە ئىجازىتى: ئۈسكۈنىڭىزدىكى سىستېمىسىدىكى «تەڭشەك» نىڭ ئىجازەت تىزىملىكىدە بۇ ئىجازەت بولسا، بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ كۆكچىش ئۈسكۈنىگە ئۇلانغاندا، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشىڭىز كېرەك. سىستېمىدىكى «تەڭشەك» ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى ئۈسكۈنە ئىجازىتىنى ئەتسىڭىز بولىدۇ، ئەتكەندىن كېيىن، بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ كۆكچىش ئۈسكۈنىگە ئۇلىنالمايسىز. ئۈسكۈنىڭىزدىكى سىستېمىدىكى «تەڭشەك» نىڭ ئىجازەت تىزىملىكىدە يېقىن ئەتراپتىكى ئۈسكۈنە ئىجازىتى بولمىسا، بىز ئۇنى يۆتكەپ ئىشلىتەلمەيمىز، سىستېمىدىكى «تەڭشەك» ئارقىلىق كۆكچىشنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىجازەتلەردىن باشقا، بۇ ئەپ NFC ئارقىلىق ئۈسكۈنىگە ئۇلانغاندا، NFC نى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئېچىلمىسا ئۈسكۈنىنى ئۇلىغىلى بولمايدۇ. سىستېمىدىكى «تەڭشەك» ئارقىلىق NFC نى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
خالىغان ۋاقىتتا سىستېمىدىكى «تەڭشەك» نى زىيارەت قىلىپ بۇ ئەپنىڭ ئىجازىتىنى باشقۇرالايسىز.
3 خاسلاشتۇرما تەۋسىيە
ئىشلىتىش تەسىراتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆرۈنۈشنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن، ماقۇللۇقىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن خۇاۋېي ھېسابى OpenID سى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (ئۈسكۈنە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئەپ ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن، سىزگە خاسلاشتۇرما كۆرۈنۈش تەۋسىيەسى تەمىنلەيمىز، بىز شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، سىزنى تېخىمۇ خاسلاشقان تەسىرات بىلەن تەمىنلەيمىز. سىز « كۆرۈنۈش» > ∷ > «خاسلاشتۇرما تەۋسىيە» گە كىرىپ، «خاسلاشتۇرما كۆرۈنۈش تەۋسىيەسى» نى ئېتىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
خاسلاشتۇرما كۆرۈنۈش تەۋسىيەسى ئىقتىدارى پەقەت ئەپ بازىرى تەمىنلىگەن نەشرىدە ئىشلەيدۇ.
4 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش
بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز، خۇاۋېي دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ياكى باشقا ھامىيلار مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
بولۇپمۇ، ئەگەر سىز بالا (14ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن) بولسىڭىز، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بىلەن بىللە بۇ بايانات ۋە بىز مەخسۇس تۈزگەن «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى»(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/childprivacy/statement.htm?code=CN&language=ug-CN) نى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىز ھەمدە ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن ياكى ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسى بولسىڭىز، ھامىيلىقىڭىزدىكى بالىنىڭ سىزنىڭ قوشۇلۇشىڭىز بىلەن ياكى يېتەكچىلىكىڭىزدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.
5 ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش
سىزگە بەزى ئىقتىدار/مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىمىز. مەسىلەن، بىز ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە مەھسۇلات باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ۋېيشىن ئارقىلىق ئاڭلىق ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيمىز. مەلۇمات بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىز ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداش ھەققىدىكى مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. تەپسىلاتىنى «ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇر تىزىملىكى»(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/smarthome/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug-cn&branchid=3000&contenttag=3rdshare&version=20231030) ئارقىلىق كۆرۈڭ.
«ئاڭلىق تۇرمۇش» تا مەن > ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسى دېگەن ئورۇندىن چىقىرىۋېتىدىغان سۇپىنى تاللاپ، ئاندىن ∷ > چىقىرىۋېتىش دېگەن تاللانما ئارقىلىق باغلىغان ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىنى چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ.
ئاڭلىق تۇرمۇش > مەن دېگەن ئورۇندىن باش سۈرەتنى چېكىپ، «مەن» بېتىگە كىرىپ، باش سۈرەتنى يەنە چېكىپ، «ھېسابات مەركىزى» بېتىگە كىرىپ، مەخپىيەتلىك مەركىزى > ھېسابات ئىجازىتىنى تىزگىنلەش دېگەن ئورۇندىن ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىنى تاللاپ، ئىجازەت قايتۇرۇۋېلىشنى جەزملەش ئارقىلىق شۇ سۇپىغا بەرگەن ئىجازەتلەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
روتېر كارتىسى > ئۈسكۈنە ياكى كۆپرەك > ۋېيشىن ئۇقتۇرۇشى دېگەن ئورۇندىن روتېرنىڭ ۋېيشىن ئۇقتۇرۇشىنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
سىمسىز كەڭبەلباغ ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋېيشىن ئۇقتۇرۇشىنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈسكۈنە كارتىسىغا تىزىملاپ كىرىپ، كۆپرەك > ۋېيشىن ئۇقتۇرۇشى دېگەن ئورۇندىن مەشغۇلات قىلىڭ.
ئىشىك قۇلۇپىنىڭ ۋېيشىن ئۇقتۇرۇشىنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈسكۈنە كارتىسىغا تىزىملاپ كىرىپ، «ئۇقتۇرۇش» دېگەن تاللانمىنى ئېتىڭ.
6 ئۈچىنچى تەرەپ SDK سى
سىزگە ئۈچىنچى تەرەپ ئاڭلىق ئۆي مۇلازىمىتى، ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق قىسمەن ئىقتىدار/مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش قوراللىرى بوغچىسى (قىسقارتىلىپ «SDK» دېيىلىدۇ) ياكى باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش ئەپلەرنى توپلاشتۇردۇق. تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپ SDK تىزىملىكى(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/smarthome/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug-cn&branchid=3000&contenttag=3rdsdk&version=20231030) ئارقىلىق كۆرۈڭ.
7 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش
خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ ھەمدە سىزنى تۆۋەندىكى مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقى ۋە تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(1) ئۇچۇرنى زىيارەت قىلىش
باغلانغان ئاڭلىق ئۈسكۈنە باش بېتىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلات ھالىتى ۋە تارىخىي خاتىرىنى كۆرەلەيسىز، ئۈسكۈنىنىڭ «تەڭشەك» بېتىدە ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، بۇ ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنە قويۇش ئورنى، زاۋۇت نامى، ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى، تەرتىپ نومۇرى، ئۈسكۈنە تور ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
«مەن» > «ئورتاق باشقۇرۇش» بېتىگە كىرىپ ئائىلە توپ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، «كۆرۈنۈش» > «كۆرۈنۈشۈم» بېتىگە كىرىپ كۆرۈنۈشنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز، ھېسابات باش سۈرىتىنى چېكىپ «خۇاۋېي ھېسابى» ئەپىگە كىرىپ ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلەيسىز، «بازىرىم» نى چېكىپ «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىگە كىرىپ، بازىرىڭىزنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرلىرى ۋە ئىشلىتىش خاتىرىسىنى كۆرەلەيسىز.
كومپيۇتېر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىدىكى تور كۆرگۈچتە خۇاۋېي ھېسابى بىلەن خۇاۋېي مەخپىيەتلىك مەركىزى(https://privacy.consumer.huawei.com/tool)گە كىرىپ، ئاندىن «مەلۇماتىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسىگە ئېرىشىش» نى چېكىپ، خۇاۋېي ساقلىغان خۇاۋېي ھېسابىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسىگە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ، خۇاۋېي كۆچمە ئۈسكۈنىسى يەنە «تەڭشەك» > «خۇاۋېي ھېسابى» > «مەخپىيەتلىك مەركىزى» > «مەلۇماتىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسىگە ئېرىشىش» ئارقىلىق ئېرىشىشنى قوللايدۇ.
(2) ئۇچۇرنى تۈزىتىش
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يېڭىلىماقچى بولسىڭىز ياكى ئۇچۇرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزدا مەسىلە بار دەپ قارىسىڭىز، ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىلاش ھوقۇقىڭىز بار.
باغلانغان ئاڭلىق ئۈسكۈنە باش بېتى ۋە ئۈسكۈنە «تەڭشەك» بېتىدە ئۈسكۈنىنىڭ ئىجرا قىلىش پارامېتىرىنى تەڭشەپ، ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز؛
«مەن» > «ئورتاق باشقۇرۇش» بېتىدە ئائىلە توپ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز، «كۆرۈنۈش» > «كۆرۈنۈشۈم» بېتىگە كىرىپ كۆرۈنۈش تەڭشەك ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ھېسابات باش سۈرىتىنى چېكىپ «خۇاۋېي ھېسابى» ئەپىگە كىرىپ ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، «مەن» > «بازىرىم» نى چېكىپ «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىگە كىرىپ، بازىرىڭىزنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
(3) ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش
خالىغان ۋاقىتتا ئۈسكۈنە كارتىسىنى ئۆچۈرۈش ياكى ئۈسكۈنە چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق باغلانغان ئاڭلىق ئۈسكۈنىنى ئۆچۈرۈپ، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمىتېردا ساقلىغان ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى تازىلىسىڭىز بولىدۇ، ئاڭلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش تەسىراتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۈسكۈنە قايتا بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN) يەنە 7 كۈن ساقلىنىدۇ، 7 كۈن ئىچىدە ئوخشاش بىر ئۈسكۈنىگە يەنە تىزىملاتسىڭىز ئەسلىدىكى ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN) داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ؛
ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز خۇاۋېي ئۆي ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان ياكى تېخنىك خادىملار ئۆيىڭىزگە كېلىپ ئورنىتىپ بەرگەن ئۈسكۈنە بولسا، كونكرېت باش كومپيۇتېر ۋە تاختىدىكى ئۈسكۈنىنىڭ مەشغۇلات يېتەكچىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆي تاپشۇرۇشقا قايتۇرۇش مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئۆزى ۋە مۇلازىمىتېردا ساقلانغان ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى تازىلىسىڭىز بولىدۇ.
خالىغان ۋاقىتتا «كۆرۈنۈش» > «كۆرۈنۈشۈم» بېتىگە كىرىپ سىز ئىلگىرى مۇشتەرى بولغان كۆرۈنۈش كارتىسىنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ، مۇلازىمىتېردا ساقلانغان كۆرۈنۈش كارتا تەڭشەك ئۇچۇرلىرىڭىزمۇ ماسقەدەمدە ئۆچۈرۈلىدۇ؛ خۇاۋېي يانفونى زاۋۇتتىن چىققاندا ئالدىن قاچىلانغان ئاڭلىق تۇرمۇش نەشرى «كۆرۈنۈش» ئىقتىدارىنى قوللىمايدۇ، شۇڭا يۇقىرىدىكى يول پەقەت ئەپ بازىرىدا يېڭىلاپ قاچىلىغان ئاڭلىق تۇرمۇش نەشرىدىلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
خۇاۋېي «ئەزالىق مەركىزى» نى قاچىلىمىغان بولسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا «ئاڭلىق تۇرمۇش» تىن «مەن» گە كىرىپ، باش سۈرەتنى چېكىپ «ھېسابات مەركىزى» بېتىگە يۆتكىلىپ، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى زىيارەت قىلىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى تىزگىنلىسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي «ئەزالىق مەركىزى» نى قاچىلىغان بولسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا «ئاڭلىق تۇرمۇش» تىكى «مەن» گە كىرىپ، ھېسابات باش سۈرىتىنى چېكىپ «شەخس مەركىزى» بېتىگە يۆتكىلىپ، ھېسابات باش سۈرىتىنى چېكىپ «خۇاۋېي ھېسابى» بېتىگە يۆتكىلىپ، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى زىيارەت قىلىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى تىزگىنلىسىڭىز بولىدۇ.
خالىغان ۋاقىتتا «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىنى ئۆچۈرۈش ياكى «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپ مەلۇماتىنى تازىلاش ئارقىلىق، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى يەرلىككە ساقلىغان مەلۇماتنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ، سىز يەنە «ئاڭلىق تۇرمۇش» تا «مەن»> «تەڭشەك» > «ھەققىدە» گە كىرىپ، «مۇلازىمەت ئېتىش» نى چېكىپ «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى توختاتسىڭىز ھەمدە «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپى يەرلىككە ۋە مۇلازىمىتېرغا ساقلىغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.
(4) ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش
ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس يولىغا كىرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
«مەن» > «تەڭشەك» > «ت-پۇرچاق مۇلازىمىتى» گە كىرىپ، ت-پۇرچاق مۇلازىمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ئىشلىتىشكە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالالايسىز. خۇاۋېي يانفونى زاۋۇتتىن چىققاندا ئالدىن قاچىلانغان ئاڭلىق تۇرمۇش نەشرى «ت-پۇرچاق مۇلازىمىتى» ئىقتىدارىنى قوللىمايدۇ، شۇڭا يۇقىرىدىكى يول پەقەت ئەپ بازىرىدا يېڭىلاپ قاچىلىغان ئاڭلىق تۇرمۇش نەشرىدىلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
«مەن» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «خۇاۋېي ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانىغا قاتنىشىش» نى زىيارەت قىلىپ، ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانىدىن چېكىنىپ، شەخسىي ئۇچۇر ئىشلىتىش ئىجازىتىنى قايتۇرۇۋالالايسىز.
«مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى» نى ئېتىش ئارقىلىق ئۇچۇر ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئېتىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ئىشلىتىشكە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالالايسىز.
(5) مۇلازىمەتنى ئېتىش
«ئاڭلىق تۇرمۇش» نى ئېچىپ، «مەن» > «تەڭشەك» > «ھەققىدە» گە كىرىپ، «مۇلازىمەت ئېتىش» نى چېكىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالالايسىز ھەمدە «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى توختىتالايسىز، «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى كېيىنكى قېتىم ئىشلەتكەندە قايتا ئىجازەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقىڭىزغا ئالاقىدار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەلەپ ياكى ھەرقانداق سوئال، پىكىر ياكى تەكلىپىڭىز بولسا، مەزكۇر باياناتنىڭ «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەم ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
8 ئۇچۇر ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مۇلازىمىتېرغا يۈكلىنىپ ساقلىنىدۇ.
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت بۇ باياناتتا دېيىلگەن مەلۇمات توپلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئىچىدە ساقلايمىز، ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتى توشسا ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن باشقىچە تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.
«ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:
«ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدە يەرلىك ساقلانغان مەلۇماتلار سىز «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىنى ئۆچۈرگەن، «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىنىڭ مەلۇماتلىرىنى تازىلىغان ياكى خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى ئۆچۈرگەندە دەرھال تولۇق ئۆچۈرۈلىدۇ.
مۇلازىمىتېردا ساقلانغان ئۈسكۈنە مەلۇماتى ۋە مۇلازىمەت مەلۇماتلىرى سىز «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىدىن ئۈسكۈنە ياكى كۆرۈنۈش كارتىسى ئۆچۈرگەن، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى ئۆچۈرگەن ياكى مەن > تەڭشەك > ھەققىدە دېگەن بەتتىن «ئاڭلىق تۇرمۇش» مۇلازىمىتىنى ئەتكەندە دەرھال تولۇق ئۆچۈرۈلىدۇ. «كۆرۈنۈشۈم» بېتىدە كۆرۈنۈش كارتىسى ئۆچۈرسىڭىز، كۆرۈنۈش كارتىسىنىڭ ئۇچۇرى دەرھال ئۆچىدۇ.
مۇلازىمىتېردا ساقلانغان مۇلازىمەت خاتىرىسى، ئىستاتىستىكا، بازار ئېچىش مەلۇماتى ۋە باشقا خاتىرىلەرنى مۇلازىمىتېرنى قەرەلسىز تازىلاش ۋاقتىدا ئۆچۈرىمىز، بۇ مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋاقتى ئىككى (2) يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە چەك تارتىش، مۇكاپات نەقلەشكە ئالاقىدار مەلۇماتلار ئىككى (2) يىل ساقلىنىدۇ.
مۇلازىمىتېردا ساقلانغان ئۈسكۈنە يېڭىلاش مەلۇماتىنى ساقلاش ۋاقتى ئادەتتە ئالتە (6) ئايدىن ئاشمايدۇ. ئەمما بۇ مەلۇماتلار مۇلازىمەت يۈرگۈزۈش ئانالىزىغا ئىشلىتىلگەندە ساقلاش ۋاقتى يەتتە (7) يىلدىن ئاشمايدۇ.
پاش قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرلار ئىككى (2) يىل ساقلىنىدۇ ياكى خۇاۋېي ھېسابىنى ئۆچۈرسىڭىز ئۆچۈرۈلىدۇ.
خۇاۋېي ھېسابى ئىشلەتسىڭىز، بۇ مەخپىيەتلىك باياناتىدا دېيىلگەن ھېسابات ئۇچۇرىنى ئىزچىل ساقلاپ، خۇاۋېي ھېسابى ۋە ئالاقىدار خۇاۋېي مۇلازىمەتلىرىنى نورمال ئىشلىتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ھېسابات ئۆچۈرسىڭىز، ھېساباتىڭىزدىكى بارلىق ماتېرىيال، ھۆججەت ۋە زاپاسلانما مەزمۇنلارنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىز توختىتىلسا، سىزگە ئايرىم ياكى ئاممىۋىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرىمىز.
9 ئىشلەتكۈچىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار ۋە جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى
«ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپ ئارايۈزىدە ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەت ياكى تىزگىنلەش ئارايۈزىگە كىرسىڭىز، تېز، قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز. بۇ ئارا يۈزنى ئۈچىنچى تەرەپ مۇستەقىل تەمىنلىگەن، خۇاۋېي بەتنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمىتى، ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېنىق ياكى يوشۇرۇن كاپالەت بەرمەيدۇ.
سىز بىلەن ئۇلانغان تور بەتنىڭ ئالاقە ھەرىكىتىگە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى تەرەپ بېتىگە تۇنجى قېتىم كىرىشتىن بۇرۇن، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى سىزگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ۋە مەخپىيەتلىك باياناتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كېلىشىم ۋە باياناتنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. بۇ ئۈچىنچى تەرەپ شىركەت خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ تۇغۇندى ئوچۇق كىملىكىنى ئىشلىتىپ مەلۇمات توپلايدۇ. يۇقىرىدىكى مەلۇماتنى ئۈچىنچى تەرەپ مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدۇ، خۇاۋېي بۇ بۆلەك مەلۇماتقا يېقىنلىشالمايدۇ.
10 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم بەلگىلىدۇق، بۇ ئۇلانما(https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions) ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى بېتى(https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions) ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش، كەسىپ باشقۇرۇش جەمئىيىتى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنىڭ ئۇچۇرىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ئالاقىدار مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزنى، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/privacy/statement.htm?code=CN&language=ug-CN)دىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.